تۈركىيە ئاياللار ۋالىيبول كوماندىسى جەنۇبىي كورېيە كوماندىسىغا رەھىم قىلمىدى

تۈركىيە ئاياللار ۋالىيبول كوماندىسى بىرازىلىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق مۇسابىقىدە جەنۇبىي كورېيە ئاياللار كوماندىسىنى مەغلۇب قىلدى.

1845629
تۈركىيە ئاياللار ۋالىيبول كوماندىسى جەنۇبىي كورېيە كوماندىسىغا رەھىم قىلمىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئاياللار ۋالىيبول كوماندىسى بىرازىلىيەنىڭ نىلسون نېلسون گىمنازىيۇم تەنتەربىيە زالىدا، جەنۇبىي كورېيە ئاياللار كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشتى.

بىرىنچى مەيدان مۇسابىقىدە، جەنۇبىي كورېيە كوماندىسى 20 گە قارشى 25 نومۇر بىلەن ئۇتتى. ئىككىنچى مەيدان مۇسابىقىدە، تۈركىيە كوماندىسى ھۇجۇم ئۈستۈنلۈكىنى قولغا كەلتۈرۈپ، 13 كە قارشى 25 نومۇر بىلەن ئۇتتى ۋە نەتىجىنى 1-1 تەڭلەشتۈردى.

تۈركىيە كوماندىسى ئۈچىنچى مەيدان مۇسابىقىدە، 19 غا قارشى 25 نومۇر، تۆتىنچى مەيدان مۇسابىقىدە 15 كە قارشى 25 نومۇر بىلەن غەلبە قىلىپ، نەتىجىنى 1 گە قارشى 3 كە چىقاردى.

تۈركىيە ئاياللار ۋالىيبول كوماندىسى مۇسابىقىلەرنىڭ ئۈچىنچى ھەپتىسىدە، كانادا كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشىدۇ. ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىلەر ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر