رۇسىيە تەنھەرىكەتچىسى دۆلەت تەۋەلىكىنى ئۆزگەرتتى
رۇسىيەلىك تېننىس توپ ماھىرى ناتېلا دزالامىدزې خەلقئارالىق مۇسابىقىگە قاتنىشىش ئۈچۈن گىرۇزىيە پۇقرالىقىغا ئۆتتى.
1845837
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيەلىك تېننىس توپ ماھىرى ناتېلا دزالامىدزې بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى ئۈچىنچى قېتىملىق چوڭ لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىگە (Wimbledon) قاتنىشىش ئۈچۈن گىرۇزىيە پۇقرالىقىغا ئۆتتى.
ناتېلا دزالامىدزې موسكۋادا تۇغۇلغان بولۇپ، بۇ يىل 29 ياشتا. ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇش سەۋەبىدىن، رۇسىيە پۇقرالىرىنىڭ خەلقئارالىق مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىشى چەكلىنىدۇ. بېلارۇسىيە بۇ ئۇرۇشتا رۇسىيەنى قوللىغانلىقى ئۈچۈن بېلارۇسىيە پۇقرالىرىنىڭمۇ خەلقئارالىق مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىشى چەكلىنىدۇ. شۇڭا، ناتېلا دزالامىدزې ئۈچىنچى قېتىملىق چوڭ لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش مەقسىتىدە، گىرۇزىيە پۇقرالىقىغا ئىلتىماس سۇندى.
مۇسابىقە باشقۇرۇش ھەيئىتى بۇ ھەقتە توختىلىپ، مەزكۇر ئۇسۇلنى چەكلەشكە «كۈچلىرىنىڭ يەتمەيدىغانلىقى» نى، بېلارۇسىيە ۋە رۇسىيە تېننىس توپ ماھىرلىرىنىڭ باشقا دۆلەتنىڭ پۇقرالىقىغا ئۆتۈش ئارقىلىق مۇسابىقىگە قاتنىشىشىنى توسۇپ قالالمايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.
ناتېلا دزالامىدزې ئاياللار تېننىس بىرلەشمىسىنىڭ مۇسابىقىلىرىدە، تۆت قېتىم چېمپىيون بولغان ئىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
زەينەپ سۆنمەز مېكسىكادا رېكورت ياراتتى
تۈركىيە ئاياللار تېننس توپ ماھىرى زەينەپ سۆنمەز مېكسىكادا تارىخىي رېكورت ياراتتى.