ئۇكرائىنا كوماندىسى شوتلاندىيە كوماندىسىنى مەغلۇب قىلدى
ئۇكرائىنا دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسى شوتلاندىيە كوماندىسىنى 1 گە قارشى 3 نەتىجە بىلەن يىڭىپ، 2022-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى ياۋروپا شاللاش مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچىغا چۈشۈش سالاھىيىتىنى قولغا كەلتۈردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسى 2022-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىنىڭ ياۋروپا شاللاش مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، گاللېر كوماندىسى بىلەن رىقابەتلىشىدۇ.
رۇسىيەنىڭ 24-فېۋرال ئۇكرائىناغا قوزغىغان تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى سەۋەبىدىن 24-مارتتا ئۆتكۈزۈلۈشى كېرەك بولغان يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە، شوتلاندىيەنىڭ گلاسگوۋ (Glasgow) شەھىرىدىكى خامپدېن باغچىسى (Hampden Park) مەيدانىدا ئوينالدى.
ئۇكرائىنا كوماندىسى مۇسابىقە باشلىنىپ 33 مىنۇت ئۆتكەندە بىر توپ، 49 مىنۇت ئۆتكەندە يەنە بىر توپ كىرگۈزدى.
شوتلاندىيە كوماندىسى 79-مىنۇتتا بىر توپ كىرگۈزۈپ ئۈمىدلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما بەش مىنۇت قوشۇپ بېرىلگەن مۇسابىقىدە بىر توپ كىرگۈزۈپ، نەتىجىنى 1 گە قارشى 3 كە چىقاردى.
ئۇكرائىنا كوماندىسى بۇ نەتىجىسى بىلەن، 5-ئىيۇن كۈنى (2022) گاللېر كوماندىسى بىلەن ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە چۈشىدۇ.
گاللېر-ئۇكرائىنانىڭ مۇسابىقىسىدا غەلبە قىلغان كوماندا، قاتار ساھىبخانلىق قىلىدىغان دۇنيا لوڭقىسىدا ئەنگلىيە، ئامېرىكا ۋە ئىران كوماندىلىرى بولغان B گۇرۇپپىسىدا توپ ئوينايدۇ.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
زەينەپ سۆنمەز مېكسىكادا رېكورت ياراتتى
تۈركىيە ئاياللار تېننس توپ ماھىرى زەينەپ سۆنمەز مېكسىكادا تارىخىي رېكورت ياراتتى.