تەيكۈەنداۋ چېمپىيونلۇقىنىڭ بىرىنچى كۈنىدە بەش ئالتۇن مېدال

ياۋروپا تەيكۈەنداۋ ۋە پارا تەيكۈەنداۋ چېمپىيونلۇقى ئەنگلىيەنىڭ مانچېستېر شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى.

1829656
تەيكۈەنداۋ چېمپىيونلۇقىنىڭ بىرىنچى كۈنىدە بەش ئالتۇن مېدال

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ماھىرلىرى چېمپىيونلۇقنىڭ بىرىنچى كۈنىدە ئۆزىنى نامايان قىلىپ، بەش ئالتۇن مېدال، 1 كۈمۈش مېدال ۋە بىر مىس مېدالنى قولغا كەلتۈردى.

چېمپىيونلۇقنىڭ بىرىنچى كۈنىدە، تۈركىيەلىك سەككىز ماھىر مەيدانغا چۈشتى. ئەرلەر 63 كىلوگىراملىقلار بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىدە، تۈركىيەلىك ماھىر خاكان رەچبەر فىرانسىيەلىك رەقىبى سوۋلەيمان ئالافلىپپىنى يىڭىپ بىر ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى.

ئاياللار 53 كىلوگىراملىقلار مۇسابىقىسىدە، تۈركىيەلىك ماھىر زەلىھا ئاغرىس ئىسپانىيەلىك رەقىبى مارىيا ئالما پاررادونى يىڭىپ ياۋروپا چېمپىيونى بولدى.

ئەرلەر 54 كىلوگىراملىقلار مۇسابىقىسىدە، تۈركىيەلىك ماھىرلاردىن گۆركەم پولات گۈمۈش، دېنىز داغدەلەن بىر مىس مېدالغا ئېرىشتى.

ئاياللار 49 كىلوگىراملىقلار مۇسابىقىسىدە، تۈركىيەلىك ماھىر مەرۋە دىنچەل ئىسىرائىلىيە ماھىرى ئابىشاگ سېمبېرگنى يىڭىپ، ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى.

پارا تەيكۈەنداۋ تۈرىنىڭ ئەرلەر 58 كىلوگىراملىقلارنىڭ K44 مۇسابىقىسىدە، تۈركىيەلىك ماھىر ئالىجان ئۆزجان فىرانسىيەلىك رەقىبى بوفا كونگنى 15 كە قارشى 34 نومۇر بىلەن يىڭىپ، ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى. ئاياللار 47 كىلوگىراملىقلارنىڭ K44 مۇسابىقىسىدە، تۈركىيەلىك ماھىر نۇرجىھان ئەكىنجى ئۇكرائىنالىق ماھىر ۋىكتورىيا مارچۇك بىلەن ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە چۈشۈپ، 12 گە قارشى 13 نومۇر ئۈستۈنلۈك بىلەن ئالتۇن مېدالنى قولغا كەلتۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر