«سىگان پادىشاھى»  لەقەملىك بوكس ماھىرى ھاياتىدا بىر قېتىممۇ مەغلۇپ بولمىدى

«سىگان پادىشاھى»  لەقەملىك، 33 ياشلىق تايسون فۇرى بوكىس ھاياتىدا بىر قېتىممۇ مەغلۇپ بولمىدى.

1819897
«سىگان پادىشاھى»  لەقەملىك بوكس ماھىرى ھاياتىدا بىر قېتىممۇ مەغلۇپ بولمىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا ئېغىر دەرىجىلىكلەر بويىچە بوكىس چېمپىيونى بولغان فۇرى 32 قېتىم غەلىبە قىلىپ، ئاران بىر مەيدان تەڭلەشتى.

تايسون فۇرى بۇ قېتىم دىللىيان ۋايت بىلەن چۈشكەن مۇسابىقىدىمۇ يەنە غەلىبە قىلدى ۋە ۋېمبلېي تەنتەربىيە مەيدانىدىكى مۇسابىقىدە رەقىبىنى يەر چېشلىتىپ چېمپىيونلۇق ئۇنۋانىنى قوغداپ قالدى.

تايسون فۇرى بۇ مۇسابىقىدىن كېيىنكى تېلېۋىزىيە پروگراممىسىدا كۈتۈلگەننىڭ ئەكسىچە، پىنسىيەگە چىقىشنى قارار قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

 

تايسون فۇرى: «مەن تۈگەتتىم، رىم رەھبىرى ئېيتقاندەك، «دائىم ئۇرۇش قىلىدىغان بىرەر ئادەم چوقۇم بولىدۇ» دېدى.

ئەنگىلىيەلىك بوكىسچى تايسون فۇرى: «يېقىنقى 10 يىلدا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا بوكىس بىلەن شۇغۇللاندىم، مەن قاچان دادا، ئەر- ئايال، ئۇكا ياكى ئوغۇل بولىمەن؟» دېدى.

تايسون فۇرى ئالتە بالىنىڭ دادىسى بولۇپ، ئۆزىنىڭ ساغلام ۋە خۇشال ئىكەنلىكىنى ۋە ئائىلىسىدىكىلەرگە ۋاقىت ئايرىشنى خالايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.


 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر