جۇمھۇر رەئىسلىك ۋېلىسپىت مۇسابىقىسى كەسكىن داۋاملاشماقتا
57-نۆۋەتلىك جۇمھۇر رەئىسلىك ۋېلىسپىت مۇسابىقىسىنىڭ (Tour of Türkiye) مانىسا-ئايۋالىك بۆلىكى ئاخىرلاشتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 57-نۆۋەتلىك جۇمھۇر رەئىسلىك ۋېلىسپىت مۇسابىقىسىنىڭ تۈنۈگۈنكى 5-بۆلىكىدە، ئاۋستىرالىيەلىك ماھىر سام ۋېلسفورد (Sam Welsford) بىرىنچى بولدى.
مۇسابىقىنىڭ بەشىنچى كۈنىدە، مانىسا-ئايۋالىك بۆلىكى ئاخىرلاشتى. بۇ يەردىكى مۇسابىقىگە 160 ماھىر قاتناشتى.
ماھىرلار سوما ۋە بەرگامادىن ئۆتۈپ 191.7 كىلومېتىر مۇساپىنى تاماملىغاندىن كېيىن بالىكەسىر ئايۋالىكتا توختىدى. ئاۋستىرالىيەلىك ماھىر سام ۋېلسفورد 4 سائەت 13 مىنۇت 49 سېكۇنتلىق نەتىجىسى بىلەن بىرىنچى بولدى.
13-ئاپرېل (2022) ئىزمىر-مانىسا بۆلىكىدىكى مۇسابىقىدە، ئارگېنتىنالىق ماھىر ئېدۋارد سېپۇلۋېدا بىرىنچى بولغان ئىدى.
دۇنياغا داڭلىق ماھىرلار بۈگۈن (15-ئاپرېل) 1915 چاناققەلئە كۆۋرۈكىدىن ئۆتۈپ ئاسىيا قىتئەسىدىن ياۋروپا قىتئەسىگە يېتىپ بارىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
زەينەپ سۆنمەز مېكسىكادا رېكورت ياراتتى
تۈركىيە ئاياللار تېننس توپ ماھىرى زەينەپ سۆنمەز مېكسىكادا تارىخىي رېكورت ياراتتى.