پولشا دۇنيا لوڭقىسىغا قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى
2022-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى شاللاش مۇسابىقىلىرىدە 0 گە قارشى 2 نەتىجە بىلەن شىۋېتسىيە كوماندىسىنى مەغلۇب قىلغان پولشا كوماندىسى، دۇنيا لوڭقىسىغا قاتنىشىش سالاھىيىتىنى قولغا كەلتۈردى.
1804211
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پولشا كوماندىسى سىلېسىيان تەنتەربىيە مەيدانىدا شىۋېتسىيە كوماندىسىنى كۈتۈۋالدى. مۇسابىقىگە دانىيېل ئورساتو رېپېرلىق قىلدى.
مۇسابىقە 0 گە قارشى 2 نەتىجە، پولشا كوماندىسىنىڭ غەلبىسى بىلەن ئاخىرلاشتى.
بۇ نەتىجە بىلەن، پولشا كوماندىسى دۇنيا لوڭقىسىغا قاتنىشىش سالاھىيىتىنى قولغا كەلتۈردى.
2018-يىلى چارەك ھەل قىلغۇچقا قاتناشقان شىۋېتسىيە كوماندىسى، دۇنيا لوڭقىسى بىلەن خوشلاشتى.