مانچېستېرنىڭ داڭلىق پۇتبولچىسى تۇتۇلدى

مانچېستېر كۇلۇبىنىڭ 20 ياشلىق داڭلىق پۇتبولچىسى ماسون گرىنۋۇد (Mason Greenwood) قىز دوستىغا پوخۇرلۇق قىلغانلىقى سەۋەبىدىن تۇتۇلدى.

1770806
مانچېستېرنىڭ داڭلىق پۇتبولچىسى تۇتۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مانچېستېر يۇنايتىد (Manchester United) نىڭ پۇتبولچىسى ماسون گرىنۋۇد قىز دوستى خاررىت روبسون (Harriet Robson) غا باسقۇنچىلىق قىلىشقا ئۇرۇندى.

خاررىت روبسون تاراتقۇلاردا ئۆزىگە قىلىنغان جىنسىي ھۇجۇمغا مۇناسىۋەتلىك ئاۋاز ۋە سىن كۆرۈنۈشلىرىنى ھەمبەھىرلىدى.

ئىجتىمائىي تاراتقۇدا يۇلتۇز بولغان ۋە 200 مىڭ ئەگەشكۈچىسى بار خاررىت روبسون 20 ياشلىق ماسون گرىنۋۇدنى ئۆزىگە ھۇجۇم قىلىش بىلەن ئەيىلىدى.

خاررىت روبسوننىڭ رەسىمىدە، كالپۇكىنىڭ قاناپ كەتكەنلىكى، قوللىرىدا ۋە پۇتلىرىدا كۆك ئىششىقلارنىڭ بارلىقى  كۆرۈلدى.

خاررىت روبسون ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي ھەمبەھىرلىگەن ماتېرىياللىرىنى ئىنستاگرام ئادرېسىدىن ئۆچۈرۈۋەتتى.

مانچېستېر ساقچى ئىدارىسىنڭ باياناتىدا، 20 ياشلىق پۇتبولچىنىڭ تۇتۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

مانچېستېر كۇلۇبى گرىنۋۇد ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ ېرىلىۋاتقانلىقىنى، بۇ جەرياندا ئۇنىڭ مۇسابىقىلەر ۋە مەشىقلەرگە قاتناشتۇرۇلمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر