تۈركىيەنىڭ يەتتە ماھىرى قىشلىق ئولىمپىكقا قاتنىشىدۇ

تۈركىيەگە ۋاكالىتەن يەتتە ماھىر 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا قاتنىشىدۇ.

1765048
تۈركىيەنىڭ يەتتە ماھىرى قىشلىق ئولىمپىكقا قاتنىشىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە مىللىي ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، قار تېيىلىش مۇسابىقىسىگە ئالتە، مۇز تېيىلىش مۇسابىقىسىگە بىر تەنھەرىكەتچىنىڭ قاتنىشىدىغانلىقى جەزملەشكەن.

قار تېيىلىش مۇسابىقىسىگە، ئۆزلەم چاكىرئوغلۇ، بەركىن ئۇستا، فاتىھ ئاردا ئىپچىئوغلۇ، ئۆزلەم جەرەن دۇرسۇن، ئايشەنۇر دۇمان بىلەن يۇسۇف ئەمرە فىرات قاتارلىقلار قاتنىشىدۇ.

مۇز تېيىلىش مۇسابىقىسىگە، مىڭ مېتىرغا فۇركان ئاكار قاتنىشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر