ئافرىقا لوڭقىسى كامېروندا باشلاندى

ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن بىر يىل كېچىكتۈرۈلگەن 2021-يىللىق ئافرىقا لوڭقىسىدا، ئۈچ مۇسابىقە ئاخىرلاشتى.

1761414
ئافرىقا لوڭقىسى كامېروندا باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كامېروندا ئۆتكۈزۈلگەن ئافرىقا لوڭقىسىنىڭ ئۈچىنچى كۈنى، D ۋە E گۇرۇپپىلىرىدا ئۈچ مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلدى.

تۇنجى كۈندىكى مۇسابىقىدە، E گۇرۇپپىسىدا رىقابەتلەشكەن ئالجىرىيە كوماندىسى بىلەن سېررا لېئون كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىسى 0-0 ئاخىرلاشتى.

گاروۋا (Garoua ) شەھىرىدە ئادجيا (Adjia) تەنتەربىيە مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىدە بولسا، نىگېرىيە كوماندىسى 0 گە قارشى 1 نەتىجە بىلەن مىسىر كوماندىسىنى مەغلۇب قىلدى.

D گۇرۇپپىسىدىكى مۇسابىقىدە، سۇدا كوماندىسى بلەن گىنە بىسساۋ كوماندىسى 0-0 تەڭلەشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر