دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسىنىڭ ماھىرى ئەھمەت چالىك جېنىدىن ئايرىلدى

كونياسپور كوماندىسىدا توپ تېپىدىغان دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسىنىڭ ماھىرى ئەھمەت چالىك قاتناش ۋەقەسىدە جېنىدىن ئايرىلدى.

1761391
دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسىنىڭ ماھىرى ئەھمەت چالىك جېنىدىن ئايرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قاتناش ۋەقەسىدە جېنىدىن ئايرىلغان كونياسپور كوماندىسىدا توپ تېپىدىغان دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسىنىڭ ماھىرى ئەھمەت چالىك ئەنقەرەدە يەرلىككە قويۇلدى.

ئەھمەت چالىكنىڭ مېيىت نامىزىغا، تەنتەربىيە مىنىستىرى مەھمەت مۇھاررەم كاساپئوغلۇ، مۇھىت، شەھەرچىلىك ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشى مىنىستىرى مۇرات كۇرۇم قاتناشتى.

بۇنىڭدىن باشقا، كونياسپور كۇلۇبىنىڭ باشلىقى فاتىھ ئۆزگۆكچەن ۋە كۇلۇب مۇدىرىيىتىنىڭ ئەزالىرى، تېخنىكا تېرېنېرى ئىلھام پالۇت، مەرھۇم ئەھمەت چالىكنىڭ كوماندىدىكى دوستلىرى، بىرلىكتە توپ ئوينىغان سابىق كوماندا دوستلىرى، ياشلار بىرلەشمىسى ۋە ھاجەتتەپە كوماندا ئەزالىرى، تەنتەربىيە دۇنياسىدا تونۇلغان نۇرغۇن كىشىلەرمۇ مېيىت نامىزىغا قاتناشتى.

ئەنقەرە-نىغدە تاشيولىدا كېتىۋاتقان ئەھمەت چالىكنىڭ ئاپتوموبىلى، گۆلباشى ھاجىلار نۇقتىسىدا ئۆرۈلۈپ كەتكەن ئىدى.

پۇتبول ھاياتىنى ئىتتىپاق گۇرۇھى كونياسپور كوماندىسىدا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئەھمەت چالىك، 27 ياشتا ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر