فەنەرباھچە ئوپېت ئاياللار كوماندىسى ئىتالىيە ئىموكو كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويدى

ئاياللار دۇنيا كۇلۇبلار ئارا ۋالىيبول چېمپىيونلۇقىدا تۈركىيەگە ۋاكالىتەن مۇسابىقىگە چۈشۈۋاتقان فەنەرباھچە ئوپېت ئاياللار ۋالىيبول كوماندىسى ئىتالىيەنىڭ ئىموكو ۋوللېي (İmoco Volley) ئاياللار كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشتى.

1748303
فەنەرباھچە ئوپېت ئاياللار كوماندىسى ئىتالىيە ئىموكو كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  ئاياللار دۇنيا كۇلۇبلار ئارا ۋالىيبول چېمپىيونلۇقىدا تۈركىيەگە ۋاكالىتەن مۇسابىقىگە چۈشۈۋاتقان فەنەرباھچە ئوپېت ئاياللار ۋالىيبول كوماندىسى ئىتالىيەنىڭ ئىموكو ۋوللېي (İmoco Volley) ئاياللار كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشتى.

بىرىنچى مەيدان مۇسابىقىدە، ئىتالىيە ئىموكو كوماندىسى 0 گە قارشى 1 نەتىجە بىلەن غەلبە قىلدى.

ئىككىنچى مەيدان مۇسابىقىدە، فەنەرباھچە ئوپېت كوماندىسى دەسلەپتە ئالدىغا ئۆتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئاخىرقى مىنۇتلاردا ئىتالىيە ئىموكو كوماندىسى پەرقنى كىچىكلەتتى ۋە ئاخىرىدا فەنەرباھچە كوماندىسىنى 23 كە قارشى 25 نومۇر بىلەن يەڭدى.

ئۈچىنچى مەيدان مۇسابىقىدە، ئىموكو كوماندىسى قابىلىيىتىنى يۇقىرى دەرىجىدە جارى قىلدۇرۇپ، 23 كە قارشى 25 نومۇر، 0 گە قارشى 3 نەتىجە بىلەن فەنەرباھچە كوماندىسىنى يەڭدى.

فەنەرباھچە ئوپېت ئاياللار ۋالىيبول كوماندىسى بۈگۈن (2021-يىلى 16-دېكابىر) A گۇرۇپپىدا بىرازىلىيەنىڭ دېنتىل-پرايرا (Dentil-Praira) كوماندىسى بىلەن ئەنقەرە ۋاقتى 18:30، ئۈرۈمچى ۋاقتى 21:30 دا ئەنقەرە تەنتەربىيە مەيدانىدا مۇسابىقىگە چۈشىدۇ. ت ر ت سپور قانىلى مۇسابىقىنى نەق مەيداندىن تارقىتىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر