خىتاي ئامېرىكانىڭ ئولىمپىك قارارىغا نارازىلىق بىلدۈردى

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ 2022 – يىلى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش قارارىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

1744002
خىتاي ئامېرىكانىڭ ئولىمپىك قارارىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: Sputnik نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۆزلىرىنىڭمۇ بۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن خىتاي ھۆكۈمىتى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بۇ خاتالىقلىرى ئۈچۈن بەدەل تۆلەيدىغانلىقى توغرۇلۇق ۋاشىنگتوننى ئاگاھلاندۇرغان.

خىتاي، «كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى» سەۋەبلىك 2022 – يىلى پايتەخت بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە دىپلوماتىك ھەيئەت ئەۋەتمەيدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا ئىنكاس قايتۇردى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جاۋ لىجيەن، مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ  2022 – يىلى پايتەخت بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە زىيان يەتكۈزۈشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى،  ئەسلىدە بۇنداق قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئىناۋىتىگە زىيان يەتكۈزگەنلىكىنى تەكىتلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، دىپلوماتىك بايقۇت قىلىش قارارىنىڭ، ئىككى تەرەپلىك دىيالوگ ۋە مۇھىم ساھەلەردىكى ھەمكارلىققا زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بۇ «سۇيىقەستى» نىڭ سۇغا چۈشۈپ كېتىشكە مەھكۇم ئىكەنلىكىنى، بۇنداق خاتالىقلىرى سەۋەبىدىن بەدەل تۆلەيدىغانلىقىنى ۋە ئۆزلىرىنىڭمۇ كۈچلۈك تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر