تۈركىيە-قاراتاغ مۇسابىقىسى ت ر ت1 قانىلىدا كۆرسىتىلىدۇ

2022-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى G گۇرۇپپىسىدىكى ئەڭ ئاخىرقى شاللاش مۇسابىقىلىرىدە، تۈركىيە تۈركىيە دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسى بىلەن مالتا كوماندىسى مۇسابىقىگە چۈشىدۇ.

1734472
تۈركىيە-قاراتاغ مۇسابىقىسى ت ر ت1 قانىلىدا كۆرسىتىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە-مالتا مۇسابىقىسى پودگورىكا (Podgorica) شەھەرلىك تەنتەربىيە مەيدانىدا، ئەنقەرە ۋاقتى 22 دىن 45 مىنۇت، ئۈرۈمچى ۋاقتى 17-نويابىر (2021) 01 دىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە باشلىنىدۇ. مۇسابىقە ت ر ت 1 قانىلى، ت ر ت ئىزلە، ت ر ت رادىيوسى 1 ۋە  trtspor.com.tr ئادرېسلىرىدىن بىۋاستە تارقىتىلىدۇ.

مۇسابىقىگە، گېرمانىيە پۇتبول فېدېراتسىيەسىنىڭ ئەزاسى دانىيېل سىيبېرت (Daniel Siebert) رېپېرلىق قىلىدۇ.

تۈركىيە پۇتبول كوماندىسى گۇرۇپپىسىدا ئېرىشكەن 18 نومۇرى بىلەن ئىككىنچى رەتتىن ئورۇن ئالغان بولۇپ، نورۋېگىيە كوماندىسىنىڭ ئالدىدا. گوللاندىيە كوماندىسى 20 نومۇر بىلەن بىرىنچى رەتتە.

بۈگۈن تۈركىيە-قاراتاغ مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلۈش بىلەن بىرگە، گوللاندىيە-نورۋېگىيە مۇسابىقىسىمۇ ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئەگەر تۈركىيە كوماندىسى قاراتاغ كوماندىسىنى، نورۋېگىيە كوماندىسى گوللاندىيە كوماندىسىنى يەڭسە تۈركىيە كوماندىسى گۇرۇپپىدا بىرىنچى بولىدۇ ۋە دۇنيا لوڭقىسىغا قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشىدۇ.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر