سېربىيە بىلەن ئىسپانىيە دۇنيا لوڭقىسىغا قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى

2022-يىللىق دۇنيا پۇتبول لوڭقىسى شاللاش مۇسابىقىلىرىنىڭ A ۋە B گۇرۇپپىلىرىدىكى 8-ھەمدە ئاخىرقى مۇسابىقىلەر ئاخىرلاشتى.

1733960
سېربىيە بىلەن ئىسپانىيە دۇنيا لوڭقىسىغا قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قاتاردا ئۆتكۈزۈلىدىغان 2022-يىللىق دۇنيا پۇتبول لوڭقىسىغا ياۋروپادىن قاتنىشىدىغان 13 كوماندا بەلگىلىنىدىغان شاللاش، A ۋە B گۇرۇپپىلىرىدىكى مۇسابىقىلەر بىلەن ئاخىرلاشتى.

A گۇرۇپپىسىدا، سېربىيە كوماندىسى 1 گە قارشى 2 نەتىجە بىلەن پورتۇگالىيەنى مەغلۇب قىلدى. بۇنىڭ بىلەن، سېربىيە كوماندىسى دۇنيا لوڭقىسىغا قاتنىشىش سالاھىيىتىنى قولغا كەلتۈردى.

گۇرۇپپىدىكى ئىرېلاندىيە-لىيۇكسېمبۇرگ مۇسابىقىسىدە، ئىرېلاندىيە 0 گە قارشى 3 نەتىجە بىلەن لىيۇكسېمبۇرگ كوماندىسىنى مەغلۇب قىلدى.

B گۇرۇپپىسىدا، ئىسپانىيە كوماندىسى 0 گە قارشى 1 نەتىجە بىلەن شىۋېتسىيە كوماندىسى ئۈستىدىن غەلبە قىلدى ۋە گۇرۇپپىدىكى بىرىنچىلىكى بىلەن دۇنيا لوڭقىسىغا قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى.

گۇرۇپپىدىكى گىرېتسىيە-كوسوۋۇ مۇسابىقىسى 1-1 ئاخىرلاشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر