ياۋروپادا دۇنيا لوڭقىسىنىڭ 10 مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى

2022-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى ياۋروپادىكى شاللاش مۇسابىقىلىرىنىڭ 9-ھەپتىسىدە، جەمئىي 10 مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلدى.

1733176
ياۋروپادا دۇنيا لوڭقىسىنىڭ 10 مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 2022-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى ياۋروپادىكى شاللاش مۇسابىقىلىرىنىڭ 9-ھەپتىسىدە، جەمئىي 10 مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلدى.

گېرمانىيە كوماندىسى لىچتېنشتېن بەگلىكىنى 0 گە قارشى 9 نەتىجە بىلەن مەغلۇب قىلدى.

ئىسپانىيە كوماندىسى گىرېتسىيەنى 0 گە قارشى 1 نەتىجە بىلەن يەڭدى.

پورتۇگالىيە كوماندىسى بىلەن ئىرېلاندىيە كوماندىسى 0-0 تەڭلىشىپ قالدى.

A گۇرۇپپىدىكى مۇسابىقىلەرنىڭ نەتىجىلىرى تۆۋەندىكىچە:

ئەزەربەيجان 3 كە قارشى 1 نەتىجە بىلەن لىيۇكسېمبۇرگقا ئۇتتۇرۇپ قويدى.

ئىرېلاندىيە بىلەن پورتۇگالىيە 0-0 تەڭلەشتى.

B گۇرۇپپىدىكى مۇسابىقىلەرنىڭ نەتىجىلىرى تۆۋەندىكىچە:

گىرۇزىيە 0 گە قارشى 2 نەتىجە بىلەن شىۋېتسىيەنى يەڭدى.

ئىسپانىيە 0 گە قارشى 1 نەتىجە بىلەن گىرېتسىيە كوماندىسىنى يەڭدى.

H گۇرۇپپىدىكى مۇسابىقىلەرنىڭ نەتىجىلىرى تۆۋەندىكىچە:

رۇسىيە 0 گە قارشى 6 نەتىجە بىلەن جەنۇبىي قىبرىس رۇم كوماندىسىنى يەڭدى.

سىلوۋاكىيە بىلەن سىلوۋېنىيە 2-2 نەتىجە بىلەن تەڭلەشتى.

كىرودىيە مالتانى 1 گە قارشى 7 نەتىجە ئۇتتى.

J گۇرۇپپىدىكى مۇسابىقىلەرنىڭ نەتىجىلىرى تۆۋەندىكىچە:

شىمالىي ماكېدونىيە 0 گە قارشى 5 نەتىجە بىلەن ئەرمېنىيەنى مەغلۇب قىلدى.

گېرمانىيە 0 گە قارشى لىچتېنشتېن بەگلىكىنى 9 نەتىجە بىلەن مەغلۇب قىلدى.

رۇمېنىيە بىلەن ئىسلاندىيە 0-0 تەڭلەشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر