ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى ياۋروپا چېمپىيونلۇقىنى غەلىبە بىلەن باشلىدى

تۈركىيە ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى دۇنيا ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى (FIBA) 2023-يىللىق ياۋروپا چېمپىيونلۇقىنىڭ D گۇرۇپپىدىكى بىرىنچى شاللاش مۇسابىقىسىدە، سىلوۋېنىيە كوماندىسىنى 62 گە قارشى 78 نومۇر بىلەن مەغلۇب قىلدى.

1733165
ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى ياۋروپا چېمپىيونلۇقىنى غەلىبە بىلەن باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى دۇنيا ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى (FIBA) 2023-يىللىق ياۋروپا چېمپىيونلۇقىنىڭ D گۇرۇپپىدىكى بىرىنچى شاللاش مۇسابىقىسىدە، سىلوۋېنىيە كوماندىسىنى 62 گە قارشى 78 نومۇر بىلەن مەغلۇب قىلدى.

تۈركىيە ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى بىرىنچى مەيدان مۇسابىقىنى 14 كە قارشى 27 نومۇر، ئىككىنچى مەيدان مۇسابىقىنى 20 گە قارشى 46 نومۇر، ئۈچىنچى مەيدان مۇسابىقىنى 38 گە قارشى 64 نومۇر ۋە تۆتىنچى مەيدان مۇسابىقىنى 62 گە قارشى 78 نومۇر ئۈستۈنلۈك بىلەن ئاخىرلاشتۇردى.

تۈركىيە ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى 14-نويابىر (2021) يەكشەنبە كۈنى كوجائەلىدە پولشا كوماندىسىنى كۈتۈۋالىدۇ. مۇسابىقە شېھىت ساقچى رەجەپ توپالئوغلۇ تەنتەربىيە زالىدا ئەنقەرە ۋاقتى 17:00، ئۈرۈمچى ۋاقتى 20:00 دە باشلىنىدۇ.    



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر