سۇ ئۈزۈشتە تارىخىي رېكورت يارىتىلدى

ۋىكتورىيا زەينەپ گۈنەش ياۋروپا قىسقا مۇساپە سۇ ئۈزۈش چېمپىيونلۇقىدا ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى.

1728583
سۇ ئۈزۈشتە تارىخىي رېكورت يارىتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋىكتورىيا زەينەپ گۈنەش 400 مېتىرغا ئارىلاشما ئۈزۈش تۈرىدە بىرىنچىلىكنى قولغا كەلتۈرۈپ، تۈركىيەگە ياۋروپا چېمپىيونلۇقىنى قازاندۇردى.

ياۋروپا قىسقا مۇساپە سۇ ئۈزۈش چېمپىيونلۇقى تاتارىستاننىڭ قازان شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى.

تۈركىيە ماھىرى 23 ياشلىق ۋىكتورىيا زەينەپ گۈنەش ئارىلاشما ئۈزۈش تۈرىدە  400 مېتىرلىق مۇساپىنى تۆت مىنۇت 30 سېكۇنت 45 دەقىقەدە ئاخىرلاشتۇردى.

ئۇ بۇ نەتىجە بىلەن، تۈركىيەدىكى ئۆز ياراتقان رېكورتنىمۇ بۇزۇپ تاشلىغان بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر