ۋىكتورىيە زەينەپ گۈنەش ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى

تۈركىيە مىللىي سۇ ئۈزۈش ماھىرى ۋىكتورىيە زەينەپ گۈنەش ۋېنگىرىيەنىڭ پايتەختى بۇداپېشتتا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا سۇ ئۈزۈش لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى.

1717122
ۋىكتورىيە زەينەپ گۈنەش ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە سۇ ئۈزۈش فېدېراتسىيەسى بايانات ئېلان قىلىپ: «مىللىي سۇ ئۈزۈش ماھىرىمىز ۋىكتورىيە زەينەپ گۈنەش بۇداپېشتتا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان مۇسابىقىنىڭ 200 مېتىرغا ئۈزۈش تۈرىدىكى 2 مىنۇت 22 سىكۇنت 23 دەقىقەلىك نەتىجىسى بىلەن ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى. تەنھەرىكەتچىمىزنى تەبرىكلەيمىز ۋە ئۇنىڭ ئۇتۇقلىرىنىڭ داۋاملىشىشىغا تىلەكداشمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر