تۈركىيە ئەرلەر ۋالىبول كوماندىسى ياۋروپا چېمپىيونلۇقى بىلەن ۋىدالاشتى

تۈركىيە ئەرلەر ۋالىبول كوماندىسى 2021-يىللىق ياۋروپا چېمپىيونلۇقىنىڭ 16 كوماندىسى مۇسابىقىلىرىدە، سېربىيە كوماندىسىغا 3 كە قارشى 2 نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرۇپ قويدى.

1705759
تۈركىيە ئەرلەر ۋالىبول كوماندىسى ياۋروپا چېمپىيونلۇقى بىلەن ۋىدالاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئەرلەر ۋالىبول كوماندىسى پولشانىڭ گدانسك (Gdansk) شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 2021-يىللىق ياۋروپا چېمپىيونلۇقىنىڭ 16 كوماندا مۇسابىقىلىرىدە، سېربىيە كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويدى ۋە چېمپىيونلۇق بىلەن ۋىدالاشتى.

تۈركىيە كوماندىسى بىرىنچى مەيداندا قارشى تەرەپ كوماندىسىغا 25 كە قارشى 18 نومۇر بىلەن يىڭىلدى. ئىككىنچى مەيدان مۇسابىقىدە بولسا، سېربىيە كوماندىسىنى 22 گە قارشى 25 نومۇر بىلەن يىڭىپ، نەتىجىنى 1-1 تەڭلەشتۈردى.

ئۈچىنچى مەيدان مۇسابىقىدە، تۈركىيە كوماندىسى يەنە 22 گە قارشى 25 نومۇر بىلەن يىڭىۋالدى. تۆتىنچى مەيدان مۇسابىقىدە، سېربىيە كوماندىسى 23 كە قارشى 25 نومۇر بىلەن، نەتىجىنى 2-2 تەڭلەشتۈردى.

ئاخىرقى مەيدان مۇسابىقىدە، تۈركىيە كوماندىسى 15 كە قارشى 12 نومۇر بىلەن ئۇتتۇرۇپ قويدى ۋە 2021-يىللىق ياۋروپا چېمپىيونلۇقى بىلەن خوشلاشتى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر