قاتار ئەمىرى مەسئۇد ئۆزىلنى قوبۇل قىلدى

قاتار ئەمىرى شەيخ تەمىم بىن ھەمەد ئالسانى دۆلەتتە زىيارەتتە بولغان فەنەرباھچە كوماندىسى ماھىرى پۇتبولچى مەسئۇد ئۆزىلنى قوبۇل قىلدى.

1701337
قاتار ئەمىرى مەسئۇد ئۆزىلنى قوبۇل قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قاتار تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قاتار ئەمىرى شەيخ تەمىم بىن ھەمەد ئالسانى، فەنەرباھچە كوماندىسى ماھىرى پۇتبولچى مەسئۇد ئۆزىلنى دۆلەتلىك ئەمىرلىك سارىيىدا قوبۇل قىلغان. ئۆزىل، قاتار زىيارىتى ئەسناسىدا دۆلەتتىكى كۆپلىگەن تەنتەربىيە زاللىرىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلغان، ھەمدە پايتەخت دوھادىكى ئاسپېتار تەنتەربىيە دوختۇرخانىسىنىمۇ زىيارەت قىلغان.

ئۇ، ئىلگىرى ئېلان قىلغان  باياناتىدا، 2020 – يىللىق دۇنيا پۇتبول لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ قاتاردا ئۆتكۈزۈلگەنلىكىدىن ئۆزىنى ئىنتايىن شەرەپلىك ھېس قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر