ياۋروپا ئېغىرلىق كۆتۈرۈش چېمپىيونلۇقىدا يەتتە مېدال قولغا كەلدى

تۈركىيە ماھىرلىرى پولشادا ئۆتكۈزۈلگەن چولپانلار ۋە 15 ياشتىن تۆۋەن ياۋروپا ئېغىرلىق كۆتۈرۈش چېمپىيونلۇقىنىڭ ئالتىنچى كۈنىدە، ئۈچ ئالتۇن مېدال ۋە تۆت كۈمۈش مېدال ئالدى.

1697679
ياۋروپا ئېغىرلىق كۆتۈرۈش چېمپىيونلۇقىدا يەتتە مېدال قولغا كەلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئېغىرلىق كۆتۈرۈش فېدېراتسىيەسى پولشادا ئۆتكۈزۈلگەن چولپانلار ۋە 15 ياشتىن تۆۋەن ياۋروپا ئېغىرلىق كۆتۈرۈش چېمپىيونلۇقىدا تۈركىيە ماھىرلىرىنىڭ ئېرىشكەن مېدال سانىنى ئېلان قىلدى.

تۈركىيە ئېغىرلىق كۆتۈرۈش فېدېراتسىيەسىنىڭ بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلىرىدا بىلدۈرۈلىشىچە، چېمپىيونلۇقتا 15 ياشتىن تۆۋەن ئوغۇللارنىڭ 96 كىلوگىراملىقلار مۇسابىقىسىدە، سامى باقى قىيمەت يۇلۇپ كۆتۈرۈشتە 127 كىلوگىرام ئېغىرلىقنى كۆتۈرۈپ بىر ئالتۇن مېدالغا، سىلكىپ كۆتۈرۈشتە 145 كىلوگىرام ئېغىرلىقنى كۆتۈرۈپ بىر ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن ۋە جەمئىي بەش رېكورت بۇزۇپ ياۋروپا چېمپىيونى بولغان.

بۈشرا چان 15 ياشتىن تۆۋەن قىزلارنىڭ 81 كىلوگىراملىقلار مۇسابىقىسىدە، 84 كىلوگىرام ئېغىرلىقنى كۆتۈرۈپ كۈمۈش مېدالغا، 100 كىلوگىرام ئېغىرلىقنى سىلكىپ كۆتۈرۈشتە بىر كۈمۈش مېدالغا ئېرىشتى ۋە جەمئىي 184 كىلوگىراملىق نەتىجىسى بىلەن ئىككىنچى بولدى.

زەردا چاغلار 17 ياشتىن تۆۋەن قىزلارنىڭ 64 كىلوگىراملىقلار مۇسابىقىسىدە، 78 كىلوگىرام ئېغىرلىقنى يۇلۇپ كۆتۈرۈشتە كۈمۈش مېدالغا ئېرىشتى. جەمئىي 173 كىلوگىراملىق نەتىجىسى بىلەن تۆتىنچى بولدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر