ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى سەككىز كوماندا ئىچىگە كىردى

2021-يىللىق ياۋروپا ئاياللار ۋالىبول چېمپىيونلۇقىدا گوللاندىيە كوماندىسىنى 0 گە قارشى 3 نەتىجە بىلەن يەڭگەن تۈركىيە ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى D گۇرۇپپىدىكى مۇسابىقىلىرىنى بىرىنچى رەتتە ئاخىرلاشتۇرۇپ، سەككىز كوماندا ئىچىگە كىردى.

1697010
ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى سەككىز كوماندا ئىچىگە كىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە-گوللاندىيە ئاياللار ۋالىبول مۇسابىقىسى رۇمېنىيەنىڭ كلوشۋار شەھىرىدىكى «BT» تەنتەربىيە مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى. تۈركىيە ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى مۇسابىقىنى غەلىبە بىلەن ئاخىرلاشتۇردى.

تۈركىيە ئاياللار ۋالىبول كوماندىسىنىڭ باشلىقى ئەدا دۈندار مۇسابىقىدە 16 نومۇرغا ئېرىشتى ۋە ئەڭ كۆپ نومۇرغا ئېرىشكەن ماھىرى بولۇپ قالدى.

تۈركىيە ئاياللار ۋالىبول كوماندىسىنىڭ كۈچلۈك سەككىز كوماندا ئىچىدىكى رەقىبى B گۇرۇپپىدا تۆتىنچى بولغان چېخىيە كوماندىسى بولۇپ، ئىككى كوماندىنىڭ مۇسابىقىسى 29-ئاۋغۇست (2021) يەكشەنبە كۈنى بۇلغارىيەنىڭ پلوۋدىۋ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر