تۈركىيە ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى توكيو ئولىمپىكىدىن ئايرىلدى

تۈركىيە ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى 2020-يىللىق توكيو ئولىمپىكىنىڭ چارەك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە جەنۇبىي كورېيە كوماندىسىغا 3 كە قارشى 2 نەتىجە بىلەن يىڭىلىپ قالدى.

1685281
تۈركىيە ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى توكيو ئولىمپىكىدىن ئايرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى بىرىنچى مەيدان مۇسابىقىدە، 17 گە قارشى 25 نومۇر بىلەن جەنۇبىي كورېيە كوماندىسىنى يەڭدى. ئىككىنچى مەيدان مۇسابىقىدە، جەنۇبىي كورېيە كوماندىسى 17 گە قارشى 25 نومۇر بىلەن تۈركىيە كوماندىسىنى يەڭدى ۋە نەتىجە 1-1 بولدى.

تۈركىيە كوماندىسى ئۈچىنچى مەيدان مۇسابىقىدە، 28 گە قارشى 26 نومۇر بىلەن يىڭىلىپ قالدى ۋە نەتىجە 1-2 بولدى. تۆتىنچى مەيدان مۇسابىقىدە، تۈركىيە كوماندىسى 18 گە قارشى 25 نومۇر بىلەن يەڭدى ۋە نەتىجە 2-2 بولدى. ئەڭ ئاخىرقى مەيدان مۇسابىقىدە، تۈركىيە كوماندىسى 15 كە قارشى 13 نومۇر بىلەن يىڭىلىپ قالدى ۋە 3 كە قارشى 2 نەتىجە بىلەن توكيو ئولىمپىكىدىن ئايرىلدى.

جەنۇبىي كورېيە كوماندىسى گۇرۇپپىسىدا يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە چۈشۈش سالاھىيىتىنى قولغا كەلتۈرگەن بىرىنچى كوماندا بولۇپ قالدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر