بۇسەناز بوكستا ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە چۈشىدۇ

2020-يىللىق توكيو ئولىمپىكىنىڭ 12-كۈنىدە ئۆتكۈزۈلگەن بوكس مۇسابىقىسىنىڭ ئاياللار 51 كىلوگىراملىقلار تۈرىدە، بۇسەناز چاكىرئوغلۇ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە چۈشۈش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى.

1685321
بۇسەناز بوكستا ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە چۈشىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۇسە ناز كوكۇگىكان تەنتەربىيە مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىدە، تەيۋەنلىك ماھىر ۋېن خۇاڭنى يىڭىپ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە چۈشۈش سالاھىيىتىنى قولغا كەلتۈردى.

بۇسە ناز ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە، بۇلغارىيەلىك ماھىر كراستېۋا بىلەن مۇسابىقىگە چۈشىدۇ. كراستېۋا بىر قېتىم ياۋروپا چېمپىيونى، ئىككى قېتىم دۇنيا ئىككىنچىسى بولغان.

بۇسە ناز چاكىرئوغلۇنىڭ يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى 7-ئاۋغۇست (2021) جۈمە كۈنى ئەنقەرە ۋاقتى 08:15، ئۈرۈمچى ۋاقتى 11:15 ئۆتكەندە ئۆتكۈزۈلىدۇ.

ئاياللار 69 كىلوگىراملىقلارنىڭ بوكس مۇسابىقىسىدە ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە چۈشۈش سالاھىيىتىنى قولغا كەلتۈرگەن بۇسەناز سۈرمەلى، خىتاي ماھىرى خوڭ گۇ بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ.

خىتاي ماھىرى خوڭ گۇ ئىككى قېتىم ئاسىيا چېمپىيونى، ئىككى قېتىم دۇنيا ئىككىنچىسى بولغان.

بۇسەناز سۈرمەلى 7-ئاۋغۇست (2021) ئەنقەرە ۋاقتى 09:15، ئۈرۈمچى ۋاقتى 12:15 ئۆتكەندە خىتاي ماھىرى خوڭ گۇ بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر