ئايال بوكس ماھىرى بۇسەناز يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە چۈشىدۇ

توكيو ئولىمپىكىنىڭ ئاياللار 69 كىلوگىراملىقلارنىڭ بوكس تۈرىدە، تۈركىيە ماھىرى بۇسەناز سۈرمەنەلى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە چۈشۈش سالاھىيىتىنى قولغا كەلتۈردى.

1682671
ئايال بوكس ماھىرى بۇسەناز يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە چۈشىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 2020-يىللىق توكيو ئولىمپىكىنىڭ ئاياللار 69 كىلوگىراملىقلارنىڭ بوكس تۈرىدە، تۈركىيە ماھىرى بۇسەناز سۈرمەنەلى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە چۈشۈش سالاھىيىتىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئولىمپىك مېدالى ئېلىشنى كاپالەت ئاستىغا ئىگە قىلدى.

بۇسەناز كوكۇگىكان تەنتەربىيە مەيدانىدا چارەل ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە چۈشكەندە، ئۇكرائىنا ماھىرى ئاننا ليسېنكو (Anna Lysenk) بىلەن مۇسابىقىگە چۈشتى.

ئۇ بىرىنچى ۋە ئىككىنچى مەيداندا بەش رېپېردىن تولۇق نومۇر ئالدى. ئۇ ئۈچىنچى مەيداندا ئۈستۈنلۈكىنى ساقلاپ قالدى ۋە يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە چۈشۈش سالاھىيىتىنى قولغا كەلتۈردى.

ئۇنىڭ يېرىم ھەل قلغۇچ مۇسابىقىسى 4-ئاۋغۇست (2021) ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، ھىندىستانلىق ماھىر لوۋلىنا بورگوخائىن بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر