تۈركىيە ماھىرى 400 مېتىردا يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە چۈشىدۇ

تۈركىيەنىڭ يىنىك ئاتلىتكا ماھىرى ياسمانى جاپېللو ئەرلەرنىڭ مېيىپلار 400 مېتىرغا يۈگرەش مۇسابىقىسىدە، يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى.

1682635
تۈركىيە ماھىرى 400 مېتىردا يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە چۈشىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 2020-يىللىق توكيو ئولىمپىك مۇسابىقىلىرىنىڭ يەتتىنچى كۈنىدە، تۈركىيەنىڭ يىنىك ئاتلىتكا ماھىرى ياسمانى جاپېللو ئەرلەرنىڭ مېيىپلار 400 مېتىرغا يۈگرەش مۇسابىقىسىدە، يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى.

ئولىمپىك مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن يىنىك ئاتلىتكا مۇسابىقىلىرىنىڭ بىرىنچى كۈنىدە، تۈركىيە ماھىرى ياسمانى 400 مېتىرلىق مۇساپىنى 49 سېكۇنتتا تاماملاپ ئىككىنچى بولدى ۋە يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە چۈشۈش سالاھىيىتىنى قولغا كەلتۈردى.

ياسمانى جاپېللو يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە، 1-ئاۋغۇست (2021) چۈشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر