بۇسە ناز ئاياللار بوكس تۈرىدە چارەك قىلغۇچ مۇسابىقىگە چۈشىدۇ
2020-يىللىق توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ 51 كىلوگىراملىقلار ئاياللار بوكس تۈرىدە، بۇسە ناز چاكىرئوغلۇ چارەك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە چۈشۈش سالاھىيىتىنى قولغا كەلتۈردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئاياللار بوكس ماھىرى بۇسە ناز كوكۇگىكان تەنتەربىيە مەيدانىدا، ئۆزبېكستان ماھىرى تۇرسۇنوي راخىموۋا بىلەن رىقابەتلەشتى. 25 ياشلىق تۈركىيە ئاياللار بوكس ماھىرى بۇسە ناز ئۆزبېكستانلىق رەقىبىنى 2 گە قارشى 3 نەتىجە بىلەن يىڭىپ، چارەك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە چۈشۈش سالاھىيىتىنى قولغا كەلتۈردى.
بۇسە ناز چارەك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، فىلىپپىنلىق ماھىر ئايرىش ماگنونى 0 گە قارشى 5 نەتىجە بىلەن يەڭگەن تايلاندلىق ماھىر جۇتاماس جىتپوڭ بىلەن مۇسابىقىگە چۈشىدۇ.
بۇسە نازنىڭ چارەك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى 2021-يىلى 1-ئاۋغۇست (يەكشەنبە) ئەنقەرە ۋاقتى 05:00، ئۈرۈمچى ۋاقتى 08:00 دە باشلىنىدۇ. ئۇ رەقىبىنى يەڭگەن ئەھۋالدا يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە چۈشۈش سالاھىيىتىگە ئېرىشىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
زەينەپ سۆنمەز مېكسىكادا رېكورت ياراتتى
تۈركىيە ئاياللار تېننس توپ ماھىرى زەينەپ سۆنمەز مېكسىكادا تارىخىي رېكورت ياراتتى.