توكيو ئولىمپىك مۇسابىقىسى تەنھەرىكەتچىلىرى ئارىسىدىكى يۇقۇملانغانلار سانى 123 كە يەتتى

ياپونىيەنىڭ پايتەختى توكيودا ئۆتكۈزۈلىدىغان 2020- يىللىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش ئۈچۈن تىزىمغا ئالدۇرغانلار ئارىسىدىكى كوۋىد – 19 دىن يۇقۇملانغانلار سانى 123 گە يەتتى.

1679476
توكيو ئولىمپىك مۇسابىقىسى تەنھەرىكەتچىلىرى ئارىسىدىكى يۇقۇملانغانلار سانى 123 كە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئولىمپىك تەشكىللەش كومىتېتى، توكيودا ئۆتكۈزۈلىدىغان 2020 – يىللىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن تەنھەرىكەتلەردىن يەنە 17 كىشىدە كوۋىد – 19 ۋىرۇسى بايقالغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئىگىلىنىشىچە، 17 يۇقۇملانغۇچىنىڭ ئىچىدە ياپونىيەنىڭ سىرتىدىن كەلگەن بىر تەنھەرىكەتچى بىلەن توكيودىكى ئولىمپىك رايونىدا تۇرۇۋاتقان بىر كىشى بار ئىكەن.

قالغان 15 كىشىنىڭ 14 ىنىڭ مۇسابىقە دائىرىسىدە مۇلازىمەت قىلىدىغان توختاملىق خىزمەتچىلەر ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ۋىرۇس بايقالغانلارنىڭ كارانتىنغا ئېلىنغانلىقى، شۇنداق قىلىپ، توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش ئۈچۈن تىزىملاتقانلا ئارىسىدىكى ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلار سانىنىڭ 123 كە يەتكەنلىكى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر