سۇ ئۈزۈش مۇسابىقىسىدە، ئىككى تۈردە ياۋروپا چېمپىيونلۇقى قولغا كەلدى

ياۋروپا ياشلار سۇ ئۈزۈش چېمپىيونلۇقىدا ئوغۇللارنىڭ 1500 مېتىر ئەركىن ئۈزۈش تۈرىدە، مەرت كىلاۋۇز ئالتۇن مېدالغا، يىگىت ئاسلان مىس مېدالغا ئېرىشتى.

1672585
سۇ ئۈزۈش مۇسابىقىسىدە، ئىككى تۈردە ياۋروپا چېمپىيونلۇقى قولغا كەلدى
mert kilavuz.jpg
Berke Saka.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىتالىيە پايتەختى رىمدا ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا ياشلار سۇ ئۈزۈش چېمپىيونلۇقىدا، ئوغۇللارنىڭ 1500 مېتىر ئەركىن ئۈزۈش تۈرىدە، تۈركىيەلىك ئىككى ماھىر مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

مەرت كىلاۋۇز 15 مىنۇت 2 سېكۇنت 22 دەقىقە بىلەن مۇساپىنى تاماملاپ ياۋروپا چېمپىيونى بولدى. يىگىت ئاسلان 15 مىنۇت 5 سېكۇنت 8 دەقىقە بىلەن مۇساپىنى تاماملاپ مىس مېدالغا ئېرىشتى.

كۈمۈش مېدالغا، مۇساپىنى 15 مىنۇت 2 سېكۇنت 28 دەقىقە بىلەن تاماملىغان ۋېنگىرىيەلىك ماھىر داۋىد بېتلېھىم (DavidBetlehem) ئېرىشتى.

ئوغۇللارنىڭ 200 مېتىر ئارىلاش ئۈزۈش تۈرىدە، تۈركىيەلىك ماھىر بەركە ساكا 2 مېنۇت 4 دەقىقىلىق نەتىجىسى بىلەن، ياۋروپا چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشتى. كۈمۈش مېدالغا، ئۇكرائىنا ماھىرى ۋاديم ناۋمېنكو (Vadym Naumenko)، گېرمانىيە ماھىرى سېدرىك بۇئېسسىڭ (Cedric Buessing) مىس مېدالغا ئېرىشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر