ياۋروپا لوڭقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى 11-ئىيۇل ئۆتكۈزۈلىدۇ

ئەنگلىيە كوماندىسى 16-نۆۋەتلىك ياۋروپا لوڭقىسى (EURO 2020) يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، دانىيە كوماندىسى بىلەن 1-1 تەڭلىشىپ قالدى. قوشۇپ بېرىلگەن ۋاقىتتا 1 گە قارشى 2 نەتىجە بىلەن يىڭىپ، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە چۈشۈش سالاھىيىتىنى قولغا كەلتۈردى.

1672028
ياۋروپا لوڭقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى 11-ئىيۇل ئۆتكۈزۈلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە پايتەختى لوندوندىكى ۋېمبلېي (Wembley) تەتنتەربىيە مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىككىنچى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە، ئەنگلىيە كوماندىسى بىلەن دانىيە كوماندىسى رىقابەتلەشتى.

مۇسابىقە باشلىنىپ 30 مىنۇت ئۆتكەندە، دانىيە كوماندىسىنىڭ ماھىرى مىككېل دامسگارئارد (Mikkel Damsgaard) بىر توپ كىرگۈزدى. 39 مىنۇت ئۆتكەندە دانىيە كوماندىسىنىڭ ماھىرى يەنە بىر ماھىرى سىمون كاجائېر (Simon Kjaer) نىڭ ئۆز ۋاراتاىسغا توپ كىرگۈزۈشى بىلەن، ئەنگلىيە كوماندىسى تەڭلەشكەن بولدى. بۇنىڭ بىلەن، مۇسابىقە 1-1 ئاخىرلاشتى.

قوشۇپ بېرىلگەن ۋاقىتتا، 104-مىنۇتتا ئەنگلىيە كوماندىسىنىڭ ماھىرى خاررىي كېيىن (Harry Kane) 11 قەدەمدىن بىر توپ كىرگۈزدى ۋە ئەنگلىيە كوماندىسى 2 نەتىجە بىلەن دانىيە كوماندىسىنىڭ ئالدىغا ئۆتتى. مۇسابىقە 1 گە قارشى 2 نەتىجە بىلەن ئاخىرلاشتى. ئەنگلىيە كوماندىسى ياۋروپا لوڭقىسى تارىخىدا تۇنجى قېتىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە چۈشۈش سالاھىيىتىنى قولغا كەلتۈرگەن بولدى.

ئەنگلىيە كوماندىسى بىلەن ئىتالىيە ئوتتۇرىسىدىكى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە، 11-ئىيۇل ۋېمبلېي تەنتەربىيە مەيدانىدا ئەنقەرە ۋاقتى 22:00، ئۈرۈمچى ۋاقتى 12-ئىيۇل 01:00 دە باشلىنىدۇ.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر