ياۋروپا لوڭقىسىنىڭ چارەك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىلىرى 2-ئىيۇل باشلىنىدۇ
ياۋروپا پۇتبول لوڭقىسى (EURO 2020) 16 كوماندا مۇسابىقىلىرىنىڭ ئاخىرلىشىشى بىلەن، چارەك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە چۈشىدىغان كوماندىلار(سەككىز كوماندا) ئېنىق بولدى.
1667229
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 16 كوماندا مۇسابىقىلىرىدا رەقىپلىرىنى مەغلۇب قىلغان شىۋېيتسارىيە، ئىسپانىيە، بېلگىيە، ئىتالىيە، چېخىيە، دانىيە، ئەنگلىيە ۋە ئۇكرائىنا كوماندىلىرى چارەك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىغا چۈشۈش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى.
چارەك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىلىرىنىڭ ۋاقتى تۆۋەندىكىچە:
2-ئىيۇل جۈمە: ئەنقەرە ۋاقتى 19:00، ئۈرۈمچى ۋاقتى 22:00
شىۋېيتسارىيە-ئىسپانىيە (سائىنت پېتېرسبۇرگ تەنتەربىيە مەيدانى)
ئەنقەرە ۋاقتى 22:00، ئۈرۈمچى ۋاقتى (3-ئىيۇل) 01:00
بېلگىيە-ئىتالىيە (ئاللىيانز ئارېنا تەرنتەربىيە مەيدانى)
3-ئىيۇل شەنبە
ئەنقەرە ۋاقتى 19:00، ئۈرۈمچى ۋاقتى 22:00
چېخىيە-دانىيە (باكۇ ئولىمپىك مەيدانى)
ئەنقەرە ۋاقتى 22:00، ئۈرۈمچى ۋاقتى (4-ئىيۇل) 01:00
ئۇكرائىنا-ئەنگلىيە (رىم ئولىمپىك مەيدانى)