تۈركىيە ماھىرلىرى يەلكەنلىك قولۋاق مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولدى

يەلكەنلىك قولۋاق«IFCA» ئۆسمۈرلەر ۋە ياشلار سلالوم (Slalom) دۇنيا چېمپىيونلۇقىدا ئەلف ئەرجان بىلەن تان تاندوغان ئۆزلىرىنىڭ ياش كاتېگورىيەسىدە دۇنيا چېمپىيونى بولدى.

1664222
تۈركىيە ماھىرلىرى يەلكەنلىك قولۋاق مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە يەلكەنلىك قولۋاقلار فېدېراتسىيەسى ئەلف ئەرجان بىلەن تان تاندوغاننىڭ دۇنيا چېمپىيونى بولغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، ئىتالىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن يەلكەنلىك قولۋاق مۇسابىقىسىدە، تۈركىيە ماھىرلىرىنىڭ ئۈچ تۈردە دۇنيا چېمپىيونى، ئىككى تۈردە ئىككىنچى بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

قىزلاردا ئەلف ئەرجاننىڭ 15 ياشتىن تۆۋەن ۋە 17 ياشتىن تۆۋەن ئۆسمۈرلەر كاتېگورىيەسىدە بىرىنچىلىكنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىككى ئالتۇنغا ئېرىشتى. ئوغۇللارنىڭ 15 ياشتىن تۆۋەن كاتېگورىيەدە، تان تاندوغان چېمپىيون بولدى.

15 ياشتىن توۋەنلەرنىڭ كاتېگورىيەسىدە، قىزلاردىن مىموسا مەرونى بىلەن ئوغۇللاردىن مەرت كاچان ئىككىنچى بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر