ئەردوغان شۇشادا ئات بەيگىسىنى كۆردى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ شۇشادا ئات بەيگىسىنى كۆردى.

1658910
ئەردوغان شۇشادا ئات بەيگىسىنى كۆردى
erdogan-aliyev susa.jpg
erdogan aliyev at yarisi.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ، تۈنۈگۈن شۇشا ۋالىي مەھكىمىسى باغچىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن كېيىن، شۇشا شەھىرىنىڭ تارىخىي ۋە مەدەنىيەت جايلىرىنى زىيارەت قىلدى، كېيىنچە ئىككى رەھبەر، شۇشا شەھىرىنىڭ جەنۇبىدىكى «جىدىر تۈزلەڭلىكى» گە باردى.

ئۇزۇن يىللار ئەزەربەيجانلىقلارنىڭ ئات بەيگىسى ئويۇنلىرىغا ساھىبخانىلىق قىلغان تۈزلەڭلىكتە، يەرلىك ئويۇنلار ۋە مۇزىكىلارغا تەڭكەش قىلىنغان ئات بەيگىلىرىنى كۆرگەن رەھبەرلەرگە، رەپىىقىلىرىمۇ ھەمراھ بولدى.

ئات بەيگىسى ئويۇنلىرىدىن كېيىن، ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ تەرىپىدىن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا ئات ھەدىيە قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر