ئەردوغان دۆلەتلىك ئاياللار ۋالىبول كوماندىسىغا مۇۋەپپەقىيەت تىلىدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان خەلقئارا ۋالىبول فېدېراتسىيەسى (FIVB) مىللەتلەر بىرلەشمىسىدە مۇسابىقىگە چۈشىدىغان دۆلەتلىك ئاياللار ۋالىبول كوماندىسىغا مۇۋەپپەقىيەت تىلىدى.

1657418
ئەردوغان دۆلەتلىك ئاياللار ۋالىبول كوماندىسىغا مۇۋەپپەقىيەت تىلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «ئىتالىيەدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان خەلقئارا ۋالىبول فېدېراتسىيەسى مىللەتلەر بىرلەشمىسىدە مۇسابىقىگە چۈشىدىغان دۆلەتلىك ئاياللار ۋالىبول كوماندىمىزغا ئالدىمىزدىكى مۇسابىقىلىرىدە مۇۋەپپەقىيەت تىلەيمەن، ئى فىلەنىڭ سۇلتانلىرى! بىز چىن دىلىمىزدىن ھەمىشە سىلەر بىلەن بىللىمىز.»

تۈركىيە دۆلەتلىك ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى، خەلقئارا ۋالىبول فېدېراتسىيەسى بىرلەشمىسىدىكى 12 – مەيدان مۇسابىقىسى دائىرىسىدە، بۈگۈن كەچتە ئامېرىكا كوماندىسى بىلەن جەڭگە چۈشىدۇ.

مۇسابىقە ئەنقەرە ۋاقتى سائە 22 دە باشلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر