ياۋروپا لوڭقىسى تۈركىيە-ئىتالىيە مۇسابىقىسى بىلەن باشلىنىدۇ
2020-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسى (EURO 2020) رىم ئولىمپىك مەيدانىدا A گۇرۇپپىسىدىكى تۈركىيە-ئىتالىيە كوماندىلىرىنىڭ مۇسابىقىسى بىلەن باشلىنىدۇ.
1655944
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسى2020-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسىنىڭ باشلىنىشىدا، رىم ئولىمپىك مەيدانىدا بۈگۈن (2021-يىلى 11-ئىيۇن) ئەنقەرە ۋاقتى 22:00 دە، ئۈرۈمچى ۋاقتى 12-ئىيۇن 01:00 دە ئىتالىيە كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشىدۇ.
تەنتەربىيە مىنىستىرى مەھمەت مۇھاررەم كاساپئوغلۇ مۇسابىقە ۋاقتىدا رىم ئولىمپىك مەيدانىدا بولىدۇ.