بىلال چىلئوغلۇ دۇنيا ئۈچىنچىسى بولدى

تۈركىيە دۆلەتلىك تەنھەرىكەتچى بىلال چىلئوغلۇ ۋېنگىرىيەنىڭ پايتەختى بۇداپېشتتا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا جۇدو لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە مىس مېدالغا ئېرىشتى.

1654542
بىلال چىلئوغلۇ دۇنيا ئۈچىنچىسى بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇدو فېدېراتسىيەسىنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، بىلال چىلئوغلۇ دۇنيا جۇدو لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ ئۈچىنچى كۈنى 73 كىلوگراملىقلار بويىچە مۇسابىقىگە چۈشكەن.

چىلئوغلۇ مىس مېدال مۇسابىقىسىدە ئۆزبېكىستانلىق رەقىبى ھېكمەتۇللاھ تۇرايېۋنى مەغلۇپ قىلىپ، دۇنيا ئۈچىنچىسى بولغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر