ياپونىيەدە 10 مىڭدىن ئارتۇق پىدائىي ئولىمپىكقا خالىس خىزمەت قىلىشتىن چېكىندى

ۋۇخەن ۋىرۇسى(Kovid-19)سەۋەبىدىن كېچىكتۈرۈلگەن ۋە بۇياز ئۆتكۈزۈلۈشى پىلان قىلىنغان 2020-يىللىق توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ۋە مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىلىرىدە ۋەزىپە ئۆتىشى كۈتۈلۈۋاتقان تەخمىنەن 10 مىڭ ياپونلۇق پىدائىي ئولىمپىكتىن ئايرىلدى.

1651037
ياپونىيەدە 10 مىڭدىن ئارتۇق پىدائىي ئولىمپىكقا خالىس خىزمەت قىلىشتىن چېكىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كيودونىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ياپونىيە ئولىمپىك كومىتېتى باشلىقى مۇتو توشىرو 2020-يىلى خالىس خىزمەت قىلىش ئۈچۈن ئۆزىنى تىزىملاتقان 80 مىڭ كىشىدىن 10 مىڭىنىڭ ۋەزىپىسىدىن چېكىنگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ پىدائىيلارنىڭ چېكىنىشىدە ئولىمپىكنى كېچىكتۈرۈش سەۋەبىدىن خۇسۇسىي پىلانلىرىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنى ۋە ۋابا تەسىرىنىڭ ھازىرمۇ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئولىمپىكنىڭ دائىرىسىگە چەك قويۇلىدىغانلىقىنى ۋە دۆلەتكە چەت ئەللىك زىيارەتچىلەر قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقى ئۈچۈن، پىدائىيلار سانىنىڭ ئازىيىشىنىڭ مۇھىم تەسىر كۆرسەتمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

پىدائىيلار تەنھەرىكەتچىلەر تۇرىدىغان ئولىمپىك يېزىسى بىلەن مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلىدىغان مەركەزلەردە يول باشلىغۇچى بولۇپ خىزمەت قىلىدۇ.

ئولىمپىك كومىتېتى تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ سالامەتلىكىنى قوغداش ئۈچۈن تاماشىبىنلار سانىغا چەك قويۇش ۋە مۇسابىقىلەرنى كارانتىن تەدبىرلىرى ئاستىدا ئۆتكۈزۈش قارار قىلىندى.

توكيو ئولىمپىك يىغىنىغا قاتنىشىشى پەرەز قىلىنىۋاتقان تەخمىنەن 15 مىڭ تەنھەرىكەتچىنىڭ كارانتىن تەدبىرلىرى يولغا قويۇلغان بىخەتەر يېزىدا تۇرۇشى، مۇسابىقە مەركەزلىرىگە بېرىش-كېلىشلەرنىڭ كونتروللۇق ئاستىدا بولۇشى پىلان قىلىندى.

ۋابا سەۋەبىدىن كېچىكتۈرۈلگەن توكيو ئولىمپىك يىغىنى 2021-يىلى 23-ئىيۇلدىن 8-ئاۋغۇستقىچە، مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى 24-ئۋغۇستتىن 5-سېنتەبىرگىچە ئۆتكۈزۈلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر