ئەردوغان مېدال قازانغان گىمناستىكا ماھىرلىرىغا مۇۋەپپەقىيەت تىلىدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈنۈگۈن جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىدە قوبۇل قىلغان ۋە ياۋروپا ھەم دۇنيا چېمپىيونلۇقنى تالىشىش مۇسابىقىلىرىدە مېدالغا ئېرىشكەن گىمناستىكا ماھىرلىرىغا مۇۋەپپەقىيەت تىلىدى.

1650998
ئەردوغان مېدال قازانغان گىمناستىكا ماھىرلىرىغا مۇۋەپپەقىيەت تىلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «دۇنيا گىمناستىكا ساھەسىدىكى خەلقئارالىق چېمپىيونلۇقنى تالىشىش مۇسابىقىلىرىگە دۆلىتىمىزگە ۋاكالىتەن قاتناشقان شان - شەرەپ مەنبەمىز تەنھەرىكەتچىلىرىمىزنى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىمىزدە مېھمان قىلدۇق، ياشلىقنىڭ كۈچى ۋە تۈركىيەنىڭ سۆيگۈسى بىر يەرگە جەم بولغان ھامان، ھەم ياشلىرىمىز ھەم بىز چەكسىز شاد – خۇراملىققا چۆمۈپ كېتىمىز. تالانتلىق ئەۋلادلىرىم! مۇۋەپپەقىيەتلىرىڭلار دائىم بولغاي.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر