ئانادولۇ ئەفەس كوماندىسى چېمپىيون بولدى

ئانادولۇ ئەفەس ۋاسكېتبول كوماندىسى تۈركىيە ھاۋا يوللىرى ياۋروپا بىرلەشمىسىنىڭ تۆت كۈچلۈك كوماندا مۇسابىقىسىدە، 81 گە قارشى 86 نەتىجە بىلەن بارسېلونا كوماندىسىنى يىڭىپ، 2020-2021-يىللىق مۇسابىقە پەسلىنىڭ چېمپىيونى بولدى.

1649131
ئانادولۇ ئەفەس كوماندىسى چېمپىيون بولدى
anadolu efes thy avrupa ligi sampiyonu1.jpg
anadolu efes thy avrupa ligi sampiyonu.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيەنىڭ كۆلن شەھىرىدە تۈركىيە ھاۋا يوللىرى ياۋروپا بىرلەشمىسى تۆت كۈچلۈك كوماندىسىنىڭ ۋاسكېتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى. بىرىنچى مەيدان مۇسابىقىدە، بارسېلونا كوماندىسى 15 كە قارشى 22 نەتىجە بىلەن ئانادولۇ ئەفەس كوماندىسىنى ئارقىدا قالدۇردى. ئەمما، ئىككىنچى مەيداندا ئانادولۇ ئەفەس كوماندىسى 36 گە قارشى 39 نەتىجە بىلەن ئالدىغا ئۆتتى.

ئانادولۇ ئەفەس كوماندىسى ھەل قىلغۇچ مەيداندا، 58 گە قارشى 65 نومۇر بىلەن ئۈستۈنلۈكنى ساقلاپ قالدى. ئۆزئارا توپ ئېتىشتا، بۇ نەتىجە 81 گە قارشى 86 نەتىجە بىلەن ئاخىرلاشتى ۋە تۇنجى قېتىم كۇلۇبلار ئارا مۇسابىقىنىڭ چېمپىيونى بولدى.

ئانادولۇ ئەفەس كوماندىسى ئارىدىن 25 يىل ئۆتكەندىن كېيىن، تۇنجى قېتىم ياۋروپانىڭ كۇلۇبلار سەۋىيەسىدىكى ئەڭ داڭلىق لوڭقىسىغا ئېرىشىپ، نامىنى تارىخقا يازدۇردى.

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئانادولۇ ئەفەس كوماندىسىنى ئېرىشكەن ئۇتۇقى سەۋەبىدىن تەبرىكلىدى.

ئۇ تۋىتتېردا: «چېمپىيون بولغان ئانادولۇ ئەفەس كوماندىسىنى چىن قەلبىمدىن تەبرىكلەيمەن. بىزنى ھاياجانلاندۇرغان بۇ مۇۋەپپەقىيەتكە ئەجىر سىڭدۈرگەن بارلىق خادىملارغا شەخسىي نامىم ۋە خەلقىم نامىدىن رەھمەت ئېيتىمەن» دېدى.

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) باشلىقى مۇستافا شەنتوپ، مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس فۇئات ئوكتاي، جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى باياناتچىسى ئىبراھىم كالىن، جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر-ئالاقە ئىدارىسى باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن ۋە بەزى مىنىستىرلار، تەنتەربىيە فېدېراتسىيەسى، تەنتەربىيە كۇلۇبلىرىمۇ ئانادولۇ ئەفەس كوماندىسىنى تەبرىكلىدى.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر