ئەردوغان بەشىكتاش كۇلۇبىنىڭ ئەزالىرىنى قوبۇل قىلدى

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ لوڭقىسى ۋە زىرائەت تۈركىيە لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈرگەن بەشىكتاش كۇلۇبىنىڭ ئەزالىرىنى ھۇزۇرىدا قوبۇل قىلدى.

1642833
ئەردوغان بەشىكتاش كۇلۇبىنىڭ ئەزالىرىنى قوبۇل قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە مۇسابىقىسى لوڭقىسى بىلەن زىرائەت تۈركىيە لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈرگەن بەشىكتاش ج ك (Beşiktaş JK) پۇتبول كۇلۇبىنىڭ مەسئۇللىرى، تېخنىكا ھەيئىتى ۋە پۇتبولچىلىرىنى ھۇزۇرىدا قوبۇل قىلدى.

بەشىكتاش كۇلۇبىنىڭ باشلىقى ئەھمەت نۇرچەبى ۋە تېخنىكا دىرېكتورى سەرگەن يالچىنمۇ قوبۇلدا بار ئىدى.

جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىدىكى كۆرۈشۈش تەخمىنەن بىر سائەت 45 مىنۇت داۋاملاشتى.

بەشىكتاش كۇلۇبىنىڭ باشلىقى ئەھمەت نۇرچەبى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا ئىمزا قويۇلغان بەشىكتاش فورمىسىنى تەقدىم قىلدى.

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر