تۈركىيە ماھىرى ياۋروپا ئېغىرلىق كۆتۈرۈش چېمپىيونلۇقىدا ئىككى ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى

ياۋروپا ئېغىرلىق كۆتۈرۈش چېمپىيونلۇقىدا تۈركىيە ماھىرى مۇھەممەد فۇركان ئۆزبېك بىر مىس مېدال، ئىككى ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى.

1615863
تۈركىيە ماھىرى ياۋروپا ئېغىرلىق كۆتۈرۈش چېمپىيونلۇقىدا ئىككى ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە پايتەختى موسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا ئېغىرلىق كۆتۈرۈش چېمپىيونلۇقىنىڭ ئۈچىنچى كۈنىدە، تۈركىيە ماھىرلىرى ئۆز ئىقتىدارلىرىنى نامايان قىلدى.

ئەرلەر 67 كىلوگىراملىقلار بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىدە، تۈركىيە ماھىرى مۇھەممەد فۇركان ئۆزبېك 145 كىلوگىرام ئېغىرلىقنى كۆتۈرۈپ مىس مېدالغا، سىلكىپ كۆتۈرۈشتە 178 كىلوگىرام ئېغىرلىقنى كۆتۈرۈش ۋە جەمئىي 323 كىلوگىراملىق دەرىجىسى بىلەن ئىككى ئالتۇن مېدالغا  ئېرىشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر