شىمالىي كورېيە توكيو ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتناشمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى
شىمالىي كورېيە تەنھەرىكەتچىلىرىنى ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) يۇقۇمىدىن قوغداش ئۈچۈن توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
1615505

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كىيودو ئاگېنتلىقى، شىمالىي كورېيەنىڭ 7 - ئايدا ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلىنىۋاتقان توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىن چېكىنىپ چىققانلىقىنى ئۇقتۇرغان تۇنجى دۆلەت بولغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.