تۈركىيە دۆلەتلىك گېركچە چېلىشىش كوماندىسى چېمپىيون بولدى

تۈركىيە دۆلەتلىك گېركچە چېلىشىش كوماندىسى فىرانسىيەنىڭ نىس (Nice) شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «Henri Deglane Fransa Grand Prix» مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولدى.

1565596
تۈركىيە دۆلەتلىك گېركچە چېلىشىش كوماندىسى چېمپىيون بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەتلىك گېركچە چېلىشىش كوماندىسى ئالتە ئالتۇن مېدال، تۆت كۈمۈش مېدال ۋە تۆت مىس مېدالنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئېرىشكەن 305 نومۇر بىلەن چېمپىيون بولدى.

ئەزەربەيجان كوماندىسى 160 نومۇر بىلەن ئىككىنچى، فىرانسىيە كوماندىسى 151 نومۇر بىلەن ئۈچىنچى بولدى.

مۇسابىقىدە، ساھىبخان دۆلەت فىرانسىيە كوماندىسى، ئامېرىكا، ئەزەربەيجان، گىرۇزىيە، گېرمانىيە، تۈركىيە ۋە پولشا كوماندىلىرى رىقابەتلەشتى. تۈركىيە دۆلەتلىك گرېكچە چېلىشىش كوماندىسىدا، ئولىمپىك ماھىرلىرىدىن رىزا كايائالپ بىلەن جەڭ ئىلدەم مۇسابىقىگە قاتناشمىدى.

تۈركىيە ئاياللار دۆلەتلىك گرېكچە چېلىشىش كوماندىسى بولسا، ئۈچىنچى بولدى. ئامېرىكا ئاياللار كوماندىسى بىرىنچى، گېرمانىيە ئاياللار كوماندىسى ئىككىنچى بولدى.

تۈركىيە دۆلەتلىك گرېكچە چېلىشىش كوماندىسى ماھىرلىرىنىڭ ئېرىشكەن مېداللىرى تۆۋەندىكىچە:

شەرىف كىلىچ 55 كىلوگرامىلقلار بويىچە بىر ئالتۇن مېدال، كەرەم كامال 60 كىلوگراملىقلار بويىچە بىر ئالتۇن مېدال، ئابدۇرراھمان ئالتان 63 كىلوگراملىقلار بويىچە بىر ئالتۇن مېدال، سەلچۇق جان 72 كىلوگراملىقلار بويىچە بىر ئالتۇن مېدال، فاتىھ جەنگىز 77 كىلوگراملىقلار بويىچە بىر ئالتۇن مېدال ۋە ئەمراھ قۇش 82 كىلوگراملىقلار بويىچە بىر ئالتۇن مېدال.

ئەلچىن ئەلى 55 كىلوگراملىقلار بويىچە بىر كۈمۈش مېدال، مەھمەت چەكەر 63 كىلوگراملىقلاردا بىر كۈمۈش مېدال، يۇنۇس ئەمرە باشار 77 كىلوگراملىقلاردا بىر كۈمۈش مېدال، مەتەخان باشار 87 كىلوگراملىقلاردا بىر كۈمۈش مېدال.

ئەكرەم ئۆزتۈرك 55 كىلوگراملىقلاردا بىر مىس مېدال، فاتىھ ئۈچۈنجۈ 63 كىلوگراملىقلاردا بىر مىس مېدال، جەنگىز ئارسلان 72 كىلوگراملىقلاردا بىر مىس مېدال ۋە سالىھ ئايدىن 82 كىلوگراملىقلاردا بىر مىس مېدال.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر