پارىژ سانت گېرمان كوماندىسى ئۇدا سەككىزىنچى قېتىم چېمپىيون بولدى

2020- يىللىق فىرانسىيە پۇتبول لوڭقىسى تالىشىش مۇسابىقىسىدە ئولىمپىك مارسېلىيا كوماندىسىنى بىرگە قارشى ئىككى نومۇر بىلەن يەڭگەن پارىژ سانت گېرمان (PSG) كوماندىسى لوڭقىغا ئېرىشتى.

1563546
پارىژ سانت گېرمان كوماندىسى ئۇدا سەككىزىنچى قېتىم چېمپىيون بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۇ يىل 44- قېتىملىقى ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىدە ئالدىنقى پەسىلنىڭ چېمپىيونى، شۇنداقلا فىرانسىيە لوڭقىسى ساھىبى  پارىژ سانت گېرمان كوماندىسى بىلەن ئالدىنقى پەسىلنىڭ ئىككىنچىسى بولغان مارسېلىيا كوماندىسى لېنزا شەھىرىدىكى بوللارت دېلىس تەنتەربىيە مەيدانىدا مۇسابىقىگە چۈشتى.

پارىژ سانت گېرمان ئالدىنقى پەسىللىك مۇسابىقىلەرنىڭ چېمپىيونى، شۇنداقلا فىرانسىيە لوڭقىسى ساھىبى بولغاچقا، قائىدە بويىچە مارسېلىيا كوماندىسى بىلەن مەيدانغا چۈشتى.

ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىنىڭ 39 - مىنۇتىدا پارىژ سانت گېرمان كوماندىسى پۇتبولچىسى ماۋرو ئىكاردى كىرگۈزگەن توپ بىلەن بىر توپ ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتى ۋە ئالدىنقى يېرىم مەيدان بۇ شەكىلدە ئاخىرلاشتى.

پارىژ سانت گېرمان كوماندىسى كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىنىڭ 85- مىنۇتىدا بىرازىلىيەلىك پۇتبولچى نېيمارنىڭ جازا توپىنى ۋارتاغا كىرگۈزۈشى بىلەن پەرقنى ئىككىگە چىقاردى.

مارسېلىيا كوماندىسى ماھىرى پايېت 89- مىنۇتتا بىر توپ كىرگۈزدى. مۇسابىقىدە بىرگە قارشى ئىككى نومۇر بىلەن مۇسابىقىنىڭ غالىبى بولغان پارىژ سانت گېرمان كوماندىسى، ئارقا – ئارقىدىن سەككىزىنچى، جەمئىي 10 – قېتىم لوڭقىنى مۇزېيىغا قويغان بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر