لىۋېرپول كوماندىسى 12 مەيدان مۇسابىقىدىن كېيىن ئۇتتۇرۇپ قويدى

ئەنگلىيەنىڭ بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ 17-ھەپتىسى لىۋېرپول كوماندىسى  12 مەيدان مۇسابىقىدىن كېيىن  سوتئامپتون كوماندىسىغا 1 گە قارشى 0 نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرۇپ قويدى.

1557818
لىۋېرپول كوماندىسى 12 مەيدان مۇسابىقىدىن كېيىن ئۇتتۇرۇپ قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سوتئامپتون كوماندىسى، ساينت مارى تەنتەربىيە زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىدە، لىۋېرپول كوماندىسىغا قارشى 2 – مىنۇتتا داننى ئىڭىسنىڭ ۋاراتاغا توپ كىرگۈزۈشى بىلەن 1 – مەيدان مۇسابىقىنى 0 گە قارشى 1 نەتىجە بىلەن تاماملىدى.

ساھىبخان كوماندا، ھېچكىم ۋاراتاغا توپ كىرگۈزەلمىگەنلىكتىن، 2 – مەيدان مۇسابىقىنىمۇ  0 گە قارشى 1 نەتىجە بىلەن غالىب تاماملىدى.

شۇنىڭ بىلەن، بىرلەشمە مۇسابىقىدە، ئۇدا 12 مەيدان مۇسابىقىدىن كېيىن ئۇتتۇرۇپ قويغان لىۋېرپول كوماندىسى، بۇ نەتىجە بىلەن 33 نومۇردا قالدى،  سوتئامپتون كوماندىسى بولسا 29 نومۇرغا يۈكسەلدى.

لىۋېرپول كوماندىسى، بىرلەشمە مۇسابىقىنىڭ 4-ھەپتىسى، ئاستون ۋىللا كوماندىسىغا 7 گە قارشى 2 نەتىجە بىلەن يېڭىلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر