تۈركىيە كوماندىسى رۇسىيە كوماندىسىنى مەغلۇب قىلدى

تۈركىيە دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسى رۇسىيە كوماندىسىنى 2 گە قارشى 3 نەتىجە بىلەپ يىڭىپ، ياۋروپا پۇتبول فېدېراتسىيەلىرى بىرلەشمىسى (UEFA) ئۈچىنچى گۇرۇپپا بەشىنچى مەيدان مۇسابىقىدىكى تۇنجى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈردى.

1528346
تۈركىيە كوماندىسى رۇسىيە كوماندىسىنى مەغلۇب قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا پۇتبول فېدېراتسىيەلىرى بىرلەشمىسىنىڭ تۈركىيە-رۇسىيە مۇسابىقىسى تۈنۈگۈن (2020-يىلى 15-نويابىر) كەچتە ئۈلكەر پۇتبول مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى.

مۇسابىقە باشلىنىپ 11 مىنۇت ئۆتكەندە، رۇسىيە كوماندىسىنىڭ ماھىرى چېرىشېۋ (Cheryshev) تۈركىيە كوماندىسىنىڭ ۋاراتاسىغا بىر توپ كىرگۈزدى. بۇنىڭغا قارشى تۈركىيە كوماندىسىنىڭ ماھىرى كەنان كارامان 26 مىنۇت ئۆتكەندە، جەنگىز ئۈندەر 32 مىنۇت ئۆتكەندە، رۇسىيە كوماندىسىنىڭ ۋاراتاسىغا بىردىن ئىككى توپ كىرگۈزدى. مۇسابىقە باشلىنىپ 51 مىنۇت ئۆتكەندە، رۇسىيە كوماندىسىغا بېرىلگەن جازا توپتا، تۈركىيە ماھىرى جەڭ توسۇن بىر توپ كىرگۈزدى.

مۇسابىقە باشلىنىپ 57 مىنۇت ئۆتكەندە، رۇسىيە كوماندىسى بىر توپ كىرگۈزگەن بولسىمۇ، تۈركىيە كوماندىسىنى يىڭىش ئۈچۈن يېتەرلىك بولمىدى. نەتىجىدە، تۈركىيە كوماندىسى 2 گە قارشى 3 نەتىجە بىلەن، رۇسىيە كوماندىسىدىن ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتى. تۈركىيە كوماندىسى گۇرۇپپىسىدا نومۇرىنى ئالتىگە چىقاردى ۋە بىرىنچى بولۇش پۇرسىتىگە يېقىنلاشتى. رۇسىيە كوماندىسى سەككىز نومۇردا قالدى.

تۈركىيە دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسى بۇ غەلىبىسى بىلەن رۇسىيەگە قارشى ئارىدىن 36 يىل ئۆتكەندىن كېيىن تۇنجى قېتىم يەڭگەن بولدى.

تۈركىيە دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسى رۇسىيە كوماندىسىنى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن، تۇنجى قېتىم يەڭگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر