مەسۇت ئۆزىل يەنە بىر خەيرىلىك ئىشنى تەكلىپ قىلدى

ئەنگلىيە دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمىسىنىڭ ماھىرى ئارسېنال كوماندىسىدا توپ تېپىدىغان مەسۇت ئۆزىل، كۇلۇب ئىشتىن چىقارغان 27 يىللىق ماسكوت (مۇسابىقىلەردە بەخت-تەلەينىڭ سىمۋولى بولغان ھايۋانلار كىيمى كىيىدىغان كىشى) نىڭ مائاشىنى بېرىشنى تەكلىپ قىلدى.

1504482
مەسۇت ئۆزىل يەنە بىر خەيرىلىك ئىشنى تەكلىپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيەلىك تۈرك پۇتبولچى مەسۇت ئۆزىل تۋىتتېردا 27 يىللىق ماسكوتنىڭ مائاشىنى بېرىشنى تەكلىپ قىلغانلىقى توغرىسىدا ئۇچۇر ھەمبەھىرلىدى.

ئۇ كوماندىنىڭ ماسكوتى جېررىي تاي (Jerry Quy) نىڭ ئىشتىن چىقىرىلغانلىقىدىن قايغۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ جېررىي تاينىڭ كۇلۇبنىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسىغا ئايلانغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «ئارسېنالدا بولسام، چوڭ يېشىل رەڭلىك كىيىم كىيگەن ئادىمىمىزنىڭ مائاشىنى بېرىشنى تەكلىپ قىلىمەن. جېررىي تاي ياخشى كۆرگەن ئىشىنى داۋام قىلسۇن» دېدى.

ئارسېنالنىڭ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلارنى سەۋەب كۆرسىتىپ ماسكوتىنى ئىشتىن چىقىرىشى، تاماشىبىنلىرىنىڭ نارازىلىقىغا سەۋەب بولغان ئىدى.     



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر