كېچىكتۈرۈلگەن ئولىمپىك يىغىنلىرىنىڭ ۋاقتى بېكىتىلدى

2020-يىلى 24-ئىيۇلدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان 2020-يىللىق توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ۋە 25-ئاۋغۇستتا ئۆتكۈزۈش پىلان قىلىنغان مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن كېچىكتۈرۈلگەن ئىدى.

1491578
كېچىكتۈرۈلگەن ئولىمپىك يىغىنلىرىنىڭ ۋاقتى بېكىتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كېچىكتۈرۈلگەن توكيو ئولىمپىك يىغىنى 2021-يىلى 23-ئىيۇلغا، مېيىپلار ئولىمپىك يىغىنى بولسا، 2021-يىلى 24-ئاۋغۇستقا بېكىتىلدى.

گەرچە ئولىمپىك يىغىنلىرىنى ئۆتكۈزۈش ۋاقتى بېكىتىلگەن بولسىمۇ، دۇنيادا ۋابانىڭ ئىزچىل تارقىلىشى سەۋەبىدىن ئولىمپىكقا مۇناسىۋەتلىك سوئال ئىشارەتلىرى ئوتتۇرىدا تۇرماقتا.

توكيو ئولىمپىك يىغىنى كومىتېتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇلى توشىرو مۇتو ئولىمپىك توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

ئۇ ئامېرىكا ئوچۇق ھاۋا تېننىس توپ مۇسابىقىسىنى ئۈلگە قىلىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ: «خەلقئارالىق چوڭ مۇسابىقە بولغان ئامېرىكا ئاشكارا مۇسابىقىسى ھېچقانداق چاتاقسىز ئۆتكۈزۈلدى... بۇ بىزگە ئىلھام بېرىدۇ، بىز بۇ ئەھۋالدىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىنەلەيمىز. مۇسابىقىدە بىزگە ناھايىتى پايدىلىق ئۇچۇرلار بار» دېدى.

«مەن توكيو تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىغا تولۇق ئىشىنىمەن» دېگەن  ياپونىيە ئەمەلدارى يەنە مۇنداق دېدى:

«ئۇ ياردەم بەرگۈچىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ كېلىشىمنى ئۇزارتىشقا ئىجابىي قاراۋاتىدۇ ۋە بۇ جەريان كىشىگە ئۈمىد بېغىشلايدۇ.»

ئۇ كېچىكتۈرۈلگەن ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنلىرىنىڭ مەزمۇنى ۋە تەننەرخىنى ئازايتىشقا مۇناسىۋەتلىك ئېلىنىدىغان تەدبىرلەر توغرىسىدا ئالدىمىزدىكى ھەپتە ياپونىيە ئەمەلدارلىرى بىلەن خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى ئوتتۇرىسىدا ئۇچرىشىش بولىدىغانلىقىنى ۋە بۇ ئۇچرىشىشتىن كېيىن، نۇرغۇن سوئاللارغا جاۋاب تېپىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر