ۋىل گاد كىلىمانجارو چۇققىسىغا يەنە بىر قېتىم چىقتى

كانادالىق تاغقا ياماشقۇچى ۋىل گاد ئافرىقادىكى كىلىمانجارو تېغىنىڭ مۇزلار بىلەن قاپلانغان چوققىسىغا چىقىشقا يەنە بىر قېتىم مۇۋەپپەق بولدى.

1488846
ۋىل گاد كىلىمانجارو چۇققىسىغا يەنە بىر قېتىم چىقتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 2014- يىلى تۇنجى قېتىم كىلىمانجارو تېغىغا چىققان گاد، يەر شارىنىڭ ئىسسىپ كېتىشى نەتىجىسىدە مۇزلىرى ئېرىشكە باشلىغان چۇققىغا ئۇ پۈتۈنلەي ئېرىپ كېتىشتىن ئىلگىرى بىر قېتىم يامىشىپ، كىلىمات ئۆزگىرىشىنىڭ تەسىرىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈشنى كۆڭلىگە پۈككەنىدى.

2014- يىلدىن بۇيان مۇز قاتلىمىنىڭ % 70 گە يېقىنىنىڭ ئېرىپ كەتكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقتى.

كانادالىق تاغقا ياماشقۇچى، قېلىن مۇز قاتلاملىرىنىڭ ئورنىنى نېپىز مۇزلارنىڭ ئىگىلىگەنلىكىنى كۆرگەندىن كېيىن، كىلىماتنىڭ ئىسسىپ كېتىشىنىڭ قورقۇنچلۇق دەرىجىگە بېرىپ يەتكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر